گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرۇلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

18-ماي گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە يىغىن ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بىلەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم قاتناشقاندىن باشقا، گوللاندىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى خەلق ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى، خىرىستىيان دېموكراتچىلار پارتىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان.

ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى بۇ يىغىننىڭ مەقسىتىنىڭ گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوبۇلقاسىم ئەپەندى ۋە قەلبىنۇر خانىم يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن. گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچ پارتىيەنىڭ مەسئۇللىرى قەلبىنۇر خانىمنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە جىددىي پوزىتسىيەدە بولغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە گوللاندىيە پارلامېنتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتى ئېغىرلاشقاندىن بۇيان، بۇ مەسىلىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 769 قېتىم كۆرۈلدى
24/05/2022 12:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق