بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ئۈچۈن بۈگۈن خىتايغا يېتىپ بارغان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ھەقىقي رەۋىشتە تەكشۈرۈشكە چاقىردى.
مىشېل باچېلېتنىڭ 23-مايدىن 28-مايغىچە داۋاملىشىدىغان زىيارىتىدە ئاۋۋال گۇاڭجۇغا بارىدىغانلىقى، ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، خەلقئارالىق تاراتقۇلار بۇنى «تارىخىي زىيارەت» دەپ سۈپەتلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باچېلېتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرەلىشىگە بولغان گۇمان ۋە ئەندىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن ئورگان تور بېتىدە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، مىشېل باچېلېتنى زىيارەت جەريانىدا ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى. چاقىرىقتا ئۇزۇن مەزگىل كېچىكىپ كەتكەن مەزكۇر زىيارەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم پۇرسەت ئىكەنلىكى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى بىر قېتىملىق كۈرەش بولىدىغانلىقى، شۇڭلاشقا ب د ت ھەيئىتىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ ئۇلارنى نومۇسسىز ساختا تەشۋىقاتلىرى سۈپىتىدە پايدىلىنىشىدىن ساقلىنىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان.
چاقىرىقتا يەنە ب د ت ھەيئىتىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتنى چەكلىمىسىز، نازارەتسىز داۋام قىلىشىنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقى، ئالتە كۈنلۈك زىيارەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى كۆرەلىشى مۇمكىنلىكى، شۇنداقتىمۇ باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنى چوقۇم شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
چاقىرىقنىڭ ئاخىرىدا يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلاتنى تېزدىن ئېلان قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم