مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئەقسا مەسچىتى ۋە قۇددۇس ئۈچۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىتتىپاقى» تېمىسىدىكى دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار قۇرۇلتىيى 19-مايدىن 23-مايغىچە مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىندى.
مەزكۇر قۇرۇلتاي مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانلىقى، «MyAqsa» تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مالايشىيا ئىسلام پارتىيەسى، مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قۇرغان ياردەم تەشكىلاتى، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى قاتارلىق ئاممىۋى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلار ھەمكارلاشقان.
قۇرۇلتايغا مالايشىيا، ھىندونېزىيە، ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان، مىسىر، سىنگال، سىنگاپور، جەنۇبى ئافرىقا قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئۆلىمالار بىرلىكلىرى ۋە ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئاۋانگارت ياشلار ئىشتىراك قىلغان. جۈملىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسى خەلق دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەسئۇلى، شۇنداقلا دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ئەزاسى مۇھەممەد ئەمىن قارىم تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
يىغىندا مۇھەممەد ئەمىن قارىم ئۆزىگە بېرىلگەن ئۈچ مىنۇت ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرى، ئىسلامىي تەشكىلاتلار، ئۆلىمالار بىرلىكلىرى، دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ۋە ۋەقفىلەرنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاھۇ-زارىغىمۇ قۇلاق سېلىشقا، ئۇلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھېچ بولمىغاندا ھېسداشلىق قىلىشقا، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق دەۋاسىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بۇ يىغىننىڭ مەخسۇس ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىتتىپاقى تېمىسىدا ئېچىلغانلىقىنى، ئىسلام ئۈممىتى بىرلىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئۈممەتكە تەۋە ھەرقانداق مۇسۇلمانغا ياردەم قىلىشى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى يولۇققان كىرىزىسلارنى بىلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇلارنى خىتاي بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە مىللىي مەنپەئەتكە تاشلاپ قويماسلىقىنى، پەلەستىندىكى ئەقسا مەسچىتى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەندەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپلەپ تەشۋىق قىلىشقا چاقىرىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇھەممەد ئەمىن قارىم يەنە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات ۋە بىرلىكلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرغان ھەمدە ئۇلاردىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى دەۋاسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر يىغىندا «ئەقسا مەسچىتى ۋە قۇددۇس ئۈچۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىتتىپاقى» تېمىسى تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە قىلىنغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئومۇمىي ئىستراتېگىيە كېڭەش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان، شۇنداقلا پەلەستىن ۋە ئەقسا مەسچىتى مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە تەكلىپلەر قوبۇل قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ