تۈركىيە بىلەن شىۋېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكتىن پايدىلىنىپ، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاشنى پىلانلىغان خىتاي ئۇزۇندىن بېرى شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى نىشانلىدى.
خىتاي خەلقئارا رادىيوسىنىڭ تۈركچە بۆلۈمى 18-ماي «شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە ۋە ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى» سەرلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە: «تۈركىيە پ ك ك ۋە ي پ گ نى باھانە قىلىپ، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا كىرىشىگە قارشى تۇردى. بۇ ئىككى دۆلەتتە پ ك ك ۋە ي پ گ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىلا بار ئەمەس، بەلكى شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە يەنە شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىگە ياردەم قىلىۋاتىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاي ماقالىدە يەنە شىۋېتسىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە بىۋاسىتە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بەرگەن دۆلەت ئىكەنلىكى، بۇندىن ئىلگىرى خىتاينى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، جۈملىدىن مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قاماش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، ئاياغ-ئاستى قىلىش، بالىلارنى ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ، خىتاي قىلىپ تەربىيەلەش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي ماقالىدە يەنە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ بىر بۆلگۈنچى تەشكىلات، ھەمىشە خىتايغا قارشى نامايىش قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ئۆتكەن يىلى شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا چېدىر تىكىپ خىتايغا قارشى تۇردى. بۇ تەشكىلاتنى ئۆكتىچى پارتىيە قوللايدۇ، قانات ئاستىغا ئالىدۇ» دەپ جار سالغان.
تۈركىيە شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق پائالىيىتى قىلىۋاتقان پ ك ك ۋە ي پ گ تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، ئۇلارنىڭ ناتوغا كىرىشىگە قارشى تۇرغان بىر پەيتتە، خىتاي توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاپ، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. كۆزەتكۈچىلەر يەنە خىتاينىڭ بۇنى باھانە قىلىپ رۇسىيەنىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ناتوغا كىرىشىنى توسۇپ قېلىشقا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىش ئارقىلىق رۇسىيەنى قوللاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاينىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسىنىڭ قوغلاندى قىلىنىشى، شىۋېتسىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
شىۋېتسىيە مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ئەخمەتجان تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنى نىشانغا ئېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا ئۇرۇنۇشى يېڭى ئىش ئەمەس ئىكەن. 2010-يىلى 10-ئايدا شىۋېتسىيەدە دوستلۇق گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇپپا قۇرۇلغان كۈنلىرىدىن باشلاپ خىتاي ھەرخىل ئاماللار بىلەن ئۇيۇشمىنىڭ پائالىيىتىنى توختىشىشقا ئۇرۇنغان. ئۇيۇشما مەسئۇللىرى ۋە ئۇيۇشمىدا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرىغا پاسپورت بەرمەسلىك، قاتتىق نازارەت قىلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن بېسىم قىلغان، ھەتتا ئاشكارا تەھدىت سالغان. خىتاي شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىغا پىسەنت قىلمىغان.
ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، جەمئىيەت رەھبەرلىرى ۋە بارلىق جەمئىيەت ئەزالىرى خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئۇلارنى نىشانغا ئالغانلىقىدىن ھەرگىز قورقۇپ قالمايدىكەن. ئۇنىڭ ئەكسىچە بۇنى بىر تەقدىرلەش، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقى، دەپ قارايدىكەن.
ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ تۆھمەتلىرىگە ئىشەنمەيدىكەن. ھۆكۈمەت دائىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تەھدىت سالغان-سالمىغانلىقىنى سوراپ تۇرغان. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، تور بىخەتەرلىكى بويىچە ئۇيغۇرلارغا مەخسۇس كۇرس ئېچىپ، ئۇلارنى تەربىيەلەپ بەرگەن. شۇنداقلا خىتايغا ئالاقىدار ياكى خىتايغا قارشى يازما يازغاندا تورنى تاقاپ قويۇپ مەشغۇلات قىلىش، مۇھىم يازمىلارنى كومپيۇتېردا ساقلىماسلىق قاتارلىق ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەمۇ ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان. بۇ سەۋەبلىك شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسى سۇنغان. ئەمما تۈركىيە شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ يىللاردىن بېرى تۈركىيەگە قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى قىلىۋاتقان پ ك ك ۋە ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇپ كىرىشىگە قارشى چىققان. خىتاي بولسا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن قوللىنىشقا ئۇرۇنماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ