ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دالاي لاما ۋە تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن بىئارام بولغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەرھال نارازىلىق بىلدۈردى.

18-ماي ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە تىبەت ئىشلىرى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى ئۇزرا زېيا 18-ماي ھىندىستاندا تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقلىرى ۋە بىر قىسىم تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن. 19-ماي بولسا دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەن.

جاۋ لىجيەن 19-مايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى سېپى ئۆزىدىن بۆلگۈنچى سىياسىي گۇرۇھ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە قانۇنلىرىغا پۈتۈنلەي خىلاپلىق قىلغان قانۇنسىز تەشكىلات، ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇ تەشكىلاتنى ئېتىراپ قىلمايدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

ئۇ جاۋابىدا يەنە قېلىپلاشقان سۆزلىرىنى قايتا تەكرارلاپ، دالاي لامانىڭ دىنىي تونغا ئورىنىۋالغان سىياسىي سەرگەردان ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇندىن بۇيان خىتايغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، تىبەتنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تىبەت ئىشلىرى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى تەسىس قىلىشىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

جاۋ لىجيەن يەنە ئامېرىكىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تىبەتنىڭ خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىقتەك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكى،  تىبەت مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى ۋە دالاي لامانى قوللىماسلىقى كېرەكلىكى، ئۇنداق بولمىغاندا خىتاينىڭ زۆرۈر تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1205 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2022 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق