ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى نۆۋەتتە خەلقئارانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارەت ۋاقتى رەسمىي ئېلان قىلىندى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مىشېل باچېلېت 23-مايدىن 28-مايغىچە خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولىدىكەن. بۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ 2005-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پىرايس 20-ماي بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئومۇميۈزلۈك ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرەلىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ زىيارەت جەريانىدا ئەركىن ھەرىكەت قىلىشىغا چوقۇم ۋە چوقۇم رۇخسەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، باچېلېتنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە چوقۇم ئوبيېكتىپ ۋە رېئال دوكلات سۇنۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مىشېل باچېلېتنىڭ باياناتچىسى 17-مايدىكى باياناتىدا باچېلېتنىڭ كېلەر ھەپتە شەرقىي تۈركىستان ۋە گۇاڭجۇدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك بېيجىڭغا بارمايدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ زىيارەت مەزگىلىدە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم