بىر ئامېرىكا پۇقراسى ۋە خىتاينىڭ تۆت دۆلەت بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش خىتاي ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن جاسۇسلۇق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىتاي چەت ئەلدىكى ئاتالمىش «خىتاي دېموكراتچىسى» قاتارىدا تونۇلۇپ كەلگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 19-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىر ئامېرىكا پۇقراسى ۋە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تۆت ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت خىتاينى جاسۇسلۇق قىلىش، سۇيىقەست قىلىش، دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى پىلانلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن. مەزكۇر خىتايلار ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى خىتاي رېجىمىنى تەنقىد قىلىدىغان كىشىلەرنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن سۇيىقەست قىلىشقا چېتىشلىق ئىكەن.
فېدېراتىپ سوت مەھكىمىسىدىكى ئەيىبنامىدە تىلغا ئېلىنغان بەش كىشى ئامېرىكا پۇقراسى ۋاڭ شۇجۈن ۋە گۇاڭدۇڭلۇق خې فېڭ، شەندۇڭلۇق جى جيې، گۇاڭدۇڭلۇق لى مىڭ، چىڭداۋلىق لۇ كېچىڭ قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 73 ياشلىق ۋاڭ شۇجۈن خىتاي رېجىمىنىڭ ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە ئۆكتىچىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن 2022-يىلى 16-مارتتا ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، پات يېقىندا سوراق قىلىنىدىكەن. باشقا تۆت جاسۇس بولسا قېچىپ يۈرمەكتىكەن.
ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى بۇ ھەقتە: «بىز خىتاي ياكى ھەر قانداق مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالىرىمىزغا بېسىم قىلىشىغا يول قويمايمىز. بۇ ئەيىبلەشلەر ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان باشقىچە پىكىرىدىكى كىشىلەرنى باستۇرماقچى بولغان، ئاھالىلىرىمىزنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى توسماقچى بولغان بارلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى سوتقا تارتىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ۋاڭ شۇجۈن داڭلىق خىتاي دېموكراتچىسى قاتارىدا تونۇلۇپ كەلگەن بولۇپ، «خۇياۋباڭ ۋە جاۋزىياڭنى خاتىرىلەش فوندى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىكەن. ئەيىبنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋاڭ شۇجۈن 2011-يىلىدىن باشلاپ ئۆز سالاھىيىتى ۋە تەشكىلاتتىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى ئۈچۈن، خىتاي ئۆكتىچىلىرى ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى مەخپىي توپلاپ بەرگەن. قالغان تۆت خىتاي جاسۇس بولسا ۋاڭ شۇجۈننىڭ ئالاقىچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭغا خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنى، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى قوللايدىغان شەخس، گۇرۇپپىلارنى نىشانلاش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ۋاڭ شۇجۈن بولسا شىفىرلىق ئۇچۇر دېتالى، ئېلخەت ساندۇقى، شۇنداقلا خىتايدىكى ئۇچرىشىشلار ئارقىلىق خىتاي رېجىمىنى ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ شۇجۈن 1994-يىلى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا ئىنستىتۇتىدا ئىككى يىل زىيارەتچى تەتقىقاتچى سۈپىتىدە خىتايدىن نىيۇيورك شەھىرىگە بارغان. 2006-يىلى «خۇياۋباڭ ۋە جاۋزىياڭنى خاتىرىلەش فوندى»نىڭ باش كاتىپى بولغان. 2021-يىلى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ