كانادا خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭنى G5 تورى سىستېمىسىدىن رەسمىي چەكلىدى

كانادا ھۆكۈمىتى G5 تورى سىستېمىسىدا خىتاينىڭ خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشنى چەكلەش ھەققىدە رەسمىي قارار ماقۇللىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا ئەمەلدارى 19-ماي خىتاي تېلېگراف ماگناتى خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭنى كانادانىڭ G5 تورى سىستېمىسىدىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە باشقا مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرى ئوخشاش ھەرىكەتنى باشلىغان بولۇپ، كانادامۇ ئىتتىپاقداشلىرىغا ئەگەشكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 20-ماي مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق دەلىل-ئىسپات يوق ئەھۋال ئاستىدا، بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، خىتاي تېخنىكا شىركىتىنى چەتكە قاققانلىقى، بۇنىڭ ئىقتىسادىي پىرىنسىپ ۋە ئەركىن بازار نىزامىغا خىلاپ ئىكەنلىكى، خىتاي رېجىمىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۆز شىركەت-كارخانىلىرىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كىرىشىنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپى بارلىقى، خىتاينىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جاسۇسلۇق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. خۇاۋېي قاتارلىق شىركەتلەر ۋە خىتاي رېجىمى بولسا بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلغان. خىتاي يەنە تېلېگراف شىركەتلىرىنى چەكلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى ھازىرغىچە بۇ قارار ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەن. كانادا سانائەت مىنىستىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ چەكلەش قارارىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، باياناتتا: «بۈگۈن بىز خۇاۋېي ۋە جۇڭشىڭ شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى كانادا تېلېگراف سىستېمىسىدىن چەكلەش ھەققىدىكى قارارىمىزنى ئېلان قىلدۇق. بۇندىن ئىلگىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ۋە ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن مەسلىھەتلەشتۇق» دېيىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا بىر نەچچە يىلدىن بۇيان G5 تورى تېخنىكىسى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قارارنىڭ 2019-يىلىنىڭ بېشىدا بېكىتىلىشى مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن كېچىكتۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرغىچە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، يېڭى زېللاندىيە، ياپونىيە ۋە شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر G5 تورىدا خۇاۋېي تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. خۇاۋېي شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى رېن جېڭفېي خىتاي ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئىنژېنېرى بولغاچقا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خۇاۋېينى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، دەپ قاراپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 850 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2022 12:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق