گېرمانىيە: خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئەھۋالى ئېچىنىشلىق

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھارپىسىدا، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يەنە بىر قېتىم دىققەت قاراتقان بولۇپ، خىتايدىكى تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 18-ماي يېپىق يىغىن ئېچىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەييارلىغان دوكلاتنى ئاڭلىغان. دوكلاتتا ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى ناچارلاشقانلىقى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدىكى يۈزگە يېقىن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى تۈرمىگە سولانغان ياكى ئادۋوكاتلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان. ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىمۇ قاتتىق نازارەت ۋە تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلگەن. دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى بىۋاسىتە قولغا ئېلىش، ئولتۇراق جايىنى نازارەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى مەجبۇرلاش قاتارلىق ھەر خىل باستۇرۇش ئۇسۇلى تىلغا ئېلىنغان.

دوكلاتتا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى باستۇرۇش مەسىلىسىنى گېرمانىيە-خىتاي ئىككى تەرەپلىك دىيالوگ مەزمۇنىغا كىرگۈزگەنلىكى، خەلقئارالىق تۈرلۈك رامكىلاردا ياكى بىۋاسىتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ مەسىلىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنلىكى، ئەمما ئۈنۈمىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ كېلەر ھەپتە خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ھەيئىتىنىڭ پۇقرالار بىلەن دەخلىسىز سۆھبەتلىشەلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئىكەن. ئەمما ھەيئەت خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئېلان قىلىنماي ساقلانغان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئالاقىدار دوكلاتنى چوقۇم ئېلان قىلىشى كېرەك ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 786 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2022 11:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق