پايدا ئالمايدىغان بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر ئالاھىدە دوكلاتچىسى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ماسلىشىپ بەرگەن ۋە خىتاي رېجىمىدىن 200 مىڭ دوللار قوبۇل قىلغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتلىرىنى نازارەت قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان، پايدا ئالمايدىغان خەلقئارالىق ئورگان «ب د ت كۆزىتىش تەشكىلاتى» 18-ماي ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتىدا ب د ت نىڭ مۇستەقىل مۇتەخەسسىسى ۋە ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئالېنا دوھاننىڭ سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىدى.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئالېنا دوھان 2020-يىلى 3-ئايدا ب د ت نىڭ تەكلىپى بىلەن مۇستەقىل مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ بۇلتۇر خىتاي رېجىمىدىن 200 مىڭ دوللار قوبۇل قىلغان ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشىغا ماسلىشىپ بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالېنا دوھان بۇلتۇر 9-ئايدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ بۇنى تەشۋىقات پۇرسىتى سۈپىتىدە قوللىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن.
ب د ت كۆزىتىش تەشكىلاتى مەزكۇر دوكلاتىدا ئالېنا دوھاننىڭ ب د ت نىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاي رېجىمىدىن قوبۇل قىلغان 200 مىڭ دوللارنى قايتۇرۇۋېتىشكە چاقىرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېس، كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت قاتارلىق ئەمەلدارلاردىن ئالېنا دوھاننىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت كېلەر ھەپتە شەرقىي تۈركىستاننى رەسمىي زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان مەزكۇر زىيارەتنىڭ ھارپىسىدا ب د ت خادىمىنىڭ بۇ سەتچىلىكى خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.
بۇ ب د ت نىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق سەتچىلىكى ئەمەس. 2020-يىلى 11-ئايدا ب د ت نىڭ بىر سابىق خىزمەتچىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇزۇن يىل داۋاملاشقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئۇندىن باشقا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار دوكلاتنى ھازىرغىچە ئېلان قىلماي تۇرۇۋېلىشىمۇ كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم