ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىشىپ خىتايغا قارشى تۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ ھەقتە ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 19-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى يوشىماسا ھاياشى بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەندە، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىپ، خىتايغا قارشى تۇرماقچى بولغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ۋاڭ يى: «ياپونىيە پات ئارىدا ئامېرىكا-ياپونىيە-ھىندىستان-ئاۋسترالىيە تۆت تەرەپ مېخانىزمى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ. كىشىنىڭ دىققىتى قوزغايدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى تېخى بۇ سەپەرنى باشلىماي تۇرۇپلا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلىشىپ خىتايغا قارشى تۇرۇشى توغرىسىدىكى سۆزلەر يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەتتە. خىتاي بىلەن ياپونىيە بولسا تىنچلىق، دوستلۇق شەرتنامىسى تۈزۈشكەن. ياپونىيە بۇ ھەمكارلىق پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشى كېرەك» دېگەن.
ۋاڭ يى يەنە ياپونىيە-ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق لاگېرى قوزغىماسلىقى، خىتاينىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەكلىكى، شۇنداقلا ياپونىيەنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشىنى، قوشنىسىغا ئورا كولايدىغان يولدا ماڭماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن رۇسىيەنى قوللىشى خىتاينىڭ قوشنىلىرىدا خىتايغا نىسبەتەن ئەندىشە پەيدا قىلغان. بولۇپمۇ يېقىندىن بېرى خىتاي بىلەن زېمىن ماجىراسى قىلىۋاتقان ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشىدىكى قارا نىيىتىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان. ئۇندىن باشقا خىتاي رايوندىكى ئامېرىكا مەنپەئەتىگە كۈچلۈك تەھدىت شەكىللەندۈرگەن. بۇ سەۋەبلىك ياپونىيە پات ئارىدا ئامېرىكا-ياپونىيە-ھىندىستان-ئاۋسترالىيە «تۆت تەرەپ مېخانىزمى باشلىقلار يىغىنى» ئۆتكۈزىدىكەن. بۇ يىغىندا ئاساسلىق خىتاينىڭ رايوندىكى زوراۋانلىق سىياسىتى، ئۆكتەملىكى ھەمدە خىتاينى قانداق چەكلەش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ