تاراتقۇلار: گېرمانىيە پارلامېنتى خىتاي بىلەن تىركىشىش يولىغا قاراپ ماڭدى

گېرمانىيەدىكى ئۈچ پارتىيە ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ئورتاق ھالدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 18-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كەلگۈسىدە مەزكۇر تەكلىپنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەكلىپ پارلامېنتنىڭ ئۇكرائىناغا ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى ئەۋەتىش قارارىدىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ھۆكۈمەتكە بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق تاشقى سىياسەت كۆرسەتمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى قارار رۇسىيەگە قارشى چىقىرىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە گېرمانىيە پارلامېنتى تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن تىركىشىش يولىغا قاراپ ماڭغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلىغىچە تەيۋەننىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يىغىنىغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشىغا ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تېخنىكىلىق دوكلات بېرىش يىغىنى، پائالىيەتلىرى ۋە مېخانىزمغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. كېيىن خىتاينىڭ ئارىلىشىشى ۋە بېسىمى بىلەن بۇ ئەھۋال ئۆزگەرتىلگەن. خىتاي ئاتالمىش «بىر خىتاي سىياسىتى»گە ئاساسەن، 2017-يىلىدىن باشلاپ تەيۋەننى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ قويغان.

گېرمانىيە ئىلىم-پەن ۋە سىياسەت فوندىنىڭ يېقىنقى تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، تەيۋەن شەرقىي ئاسىيانىڭ گېئوپولىتىكىلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن. جۈملىدىن رايونلۇق ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ تىنچ ئوكيانغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان تۇنجى ئارال زەنجىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپلا قالماي، ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتە، ئاساسلىق مىكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

گەرچە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي سىياسىتى»دە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، تاشقى سىياسىتىدە يەنىلا تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىمكانىيىتى بار ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 944 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2022 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق