ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىتاي بىلەن داۋام قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى تەدرىجىي تەڭشەشنى پىلانلىماقتا.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەن بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ دائىملىق ئۇچرىشىشى كۆپىيىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىي ساھەدىكى ئالاقىنى كۈچەيتكەن. بۇ ھالەت ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەدىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ زورايتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا-ياۋروپا سودا-سانائەت كومىتېتى رەقەملىك تېخنىكا ساھەسىدە ياۋروپا-ئامېرىكا ئىقتىسادىنى كېڭەيتىش ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق مۇھىم تەمىنلەش زەنجىرىگە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكا-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن 17-ماي بىريۇسسېل ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن تەڭشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتايغا قارشى بىرلىككە كەلگەن فىرونت شەكىللەندۈرۈشكە چاقىرغان. بۇ سۆزلەر خىتاي تەرەپنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 18-ماي  ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنىڭ سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «تىنچ تەرەققىي قىلىش ۋە تەڭ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىش ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولغان بىر دەۋردە، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر كۈن بويى كىشىلەرنى مەجبۇرلاپ خىتاينى چەكلەيدىغان بىرلىك شەكىللەندۈردى. بۇ خىل ئەھۋال دەۋرنىڭ يۈزلىنىشىگە پۈتۈنلەي قارشى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمەيدۇ ھەمدە چىقىش يولى يوق» دەپ جار سالغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 767 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2022 12:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق