دوكلات: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشقا ۋاسىتىلىك ياردەم بەردى

ئەنگلىيەدىكى بىر ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى «لوندون ساقچى ئىنستىتۇتى» شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا چېتىشلىق خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنى ھەرخىل تۈرلەر بويىچە تەربىيەلەپ بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر ئىنستىتۇت يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن ياردەم ئېلىپ كەلگەنىكەن.

ئەنگلىيەدىكى پايدا ئالمايدىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات «قىيىن-قىستاقتىن قۇتۇلۇش ئەركىنلىكى» 17-ماي شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بىر دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «لوندون ساقچى ئىنستىتۇتى» خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىنستىتۇتى قاتارلىق سەككىز خىتاي ئورگىنى بىلەن قويۇق ئالاقە ئورناتقان ۋە ئۇلارنى ھەرخىل تۈرلەر بويىچە تەربىيەلىگەن. مەسىلەن: مەزكۇر ئىنستىتۇت خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنى تېررورلۇققا قارشى مەشىق تۈرى بىلەن تەمىنلىگەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ ئورگانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق بولۇپ كەلمەكتە.

گەرچە لوندون ساقچى ئىنستىتۇتى خەلقئارالىق ساقچى تەربىيەلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان شەخسىي شىركەت بولسىمۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن ۋە ھۆكۈمەت ياردىمىگە ئېرىشىپ كەلمەكتىكەن.

دوكلاتتا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، مەزكۇر ھەمكارلىقنىڭ خىتاي تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەنلىكى، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ئەنگلىيەنىڭ بۇنىڭغا يول قويماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 906 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2022 12:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق