خىتاي سىياسىي كېڭىشى دىنغا قارشى ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.

خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سىياسىي كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، قورچاق ئەمەلدار نۇرلان ئەبىلمەجىن 17-ماي ئېچىلغان سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى، ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا يەنە خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردا تەكىتلەپ كەلگەن ئاتالمىش «بەش قاراش»، يەنى خەلق ئاممىسىنى «توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى» يۆلىنىشى بويىچە تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتىدىغانلىقى، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى ئىلاۋە قىلىنغان.

نۇرلان ئەبىلمەجىننىڭ تەكىتلىگەنلىرى خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردا ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ پەردازلىنىپ ئاتىلىشى بولۇپ، مەزكۇر يىغىندا تەكىتلەنگەن كەلگۈسى پىلانغا ئالاقىدار مەزمۇنلار شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق ئېغىرلىشىدىغانلىقىدىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن يەنە بىر قېتىم بېشارەت بەرگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھەرخىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى  پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتايلارنى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرگەن. ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نامىدا جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلار سەككىز مىليونغا يەتكەن. ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خەلقنى دىنىي ئېتىقادىدىن، مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە، خىتاي مەدەنىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. رەت قىلغۇچىلارغا بولسا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان.

گەرچە خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ما شىڭرۈينى ئالماشتۇرغان بولسىمۇ، شۇنداقلا خەلقئارانىڭ بېسىمى، ئەيىبلەشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، تۈرلۈك چوڭ يىغىنلىرىدا ئاتالمىش «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، "بەش قاراش"نى ئومۇملاشتۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى داۋاملىق تەكىتلەپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1646 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2022 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق