تېدروس خىتاينىڭ يۇقۇمغا قارشى تەدبىرىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلدى

ئالدىنقى ھەپتە خىتاينىڭ يۇقۇمغا قارشى تەدبىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى سەۋەبلىك خىتاي رېجىمىنىڭ نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئەمەلدارى تېدروس ئادھانوم خىتاينىڭ يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئەمەلدارى تېدروس ئادھانوم 10-ماي خىتاينىڭ يۇقۇمغا قارشى تەدبىرى ھەققىدە توختىلىپ، يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەمما ئۇنىڭ بۇ سۆزى خىتاي رېجىمىنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئەتىسىلا ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى خەۋەر قىلماي، سۈكۈتتە تۇرۇۋالغان. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تېدروسنىڭ بۇ سۆزلىرى توسۇۋېتىلگەن بولۇپ، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى»، «تېدروس» دېگەن سۆزلەرنى ئىزدىگەندە ھېچقانداق مەزمۇن كۆرۈنمىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تېدروس خىتاينىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىماي، بۇ ھەپتىمۇ خىتاي رېجىمىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلغان. ئۇ 17-ماي ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئومىكرون نۇسخىسىنىڭ كۈچلۈك يۇقۇشچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنى تىزگىنلەشتە يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەدبىرلەردىن پەرقلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى، خىتايدا رادىكال تەرىقىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئۆزلىرى قارار قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلاۋە قىلغان.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان خىتاي ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا ئاپەت ئېلىپ كەلگەندىن بۇيان، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن. جۈملىدىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئەمەلدارى تېدروسنىڭ خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغان مەزگىلدە ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاساس قىلىۋېلىپ، بۇ قېتىملىق يۇقۇمنى خەلقئارالىق ئاممىۋى سەھىيە ھادىسىسى دەپ ئېلان قىلماي تۇرۇۋالغانلىقى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي ۋىرۇسىنىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك ئاپەتكە ئايلانغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىدە ئولتۇرۇش سالاھىيىتىنىڭ يوقلۇقى، ئىستېپا بېرىشى لازىملىقى ھەققىدىكى چاقىرىقلار ئوتتۇرىغا چىققانىدى. نۆۋەتتە ئۇنىڭ خىتاي رېجىمى ئۈچۈن زىل مەسىلە ھېسابلىنىدىغان يۇقۇمنى «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 736 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2022 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق