مۇتەخەسسىس: خىتاي تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلسا ھاكىمىيتىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن

فىرانسىيەلىك مۇتەخەسسىس خىتاي تەيۋەنگە ھەربىي جەھەتتىن ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 18-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ھەر قايسى تەرەپلەر مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك رايونغا جايلاشقان تەيۋەننىڭ ۋەزىيىتىگە كۆزلىرىنى تىككەن. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئارقىسىدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ نازۇك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان. فىرانسىيە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئورنى خىتاي ۋە ئاسىيا ئىقتىساد ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋالېرى نىكېتنىڭ «تەيۋەننىڭ خىتايغا قارشىلىق كۆرسىتىشى» سەرلەۋھەلىك كىتابى ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە، «ئازادلىق گېزىتى» ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنى ئېلان قىلغان. نىكېت سۆھبەتتە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى شەرھلەپ، شى جىنپىڭ يولغا قويماقچى بولغان «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم» شوئارىنىڭ خوڭكوڭنى بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نىكېتنىڭ قارىشىچە، تەيۋەن بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئىككى ئورتاقلىقى بار بولۇپ، بىرى ئۇلارنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق غەربكە يۈزلىنىپ، مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە خىرىس قىلىشى ئىكەن. ئىككىنچىسى بولسا دېموكراتىك دۆلەتلەرنى قوللاش مەسىلىسىگە چېتىلىدىكەن. ئۇكرائىنا ئۇرۇشى تەيۋەنگە ئوخشاش ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ دېموكراتىيەسىگە بولغان تەھدىت، ھۇجۇم خەۋپى ۋە خىتاينىڭ بېسىمىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغان دەسلەپكى كۈنلەردە خىتايمۇ ئوخشاش ھەرىكەت قوللىنىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر رۇسىيە تېز سۈرئەتتە غەلىبە قىلسا، ئۇلار ئۈمىد قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ۋەزىيەت ئىسپاتلىنىدىكەن. ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئارىلاشماسلىق ۋە ھەرىكەت قىلماسلىق پوزىتسىيەنى قوللىنىپ قالسا، تەيۋەن ئۇكرائىناغا ئوخشاش ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدىكەن. خىتاي ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ بېشىدا ھەممە ئىشنىڭ پات يېقىندا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، ئۇنى تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇش خام خىيالىدا بولغان.

مەزكۇر مۇتەخەسسىسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىرقى ھالىتىدە تەيۋەننى بويسۇندۇرالمايدىكەن. ئەگەر تەيۋەن زورلۇق بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچراپ قالسا، خىتاي رېجىمىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. پۇتىن يادرو تەھدىتىنى كوزىر قىلغىنى بىلەن، خىتاينىڭ يادرو ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ زەربىسىگە ئاسان ئۇچرايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ يادرولۇق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇ ئاستى پاراخوت تېخنىكىسى ھازىرمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 911 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2022 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق