خىتاي جۇڭغار كۆمۈر كېنىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

ئالدىنقى يىلى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، نەتىجىدە ئالدىنقى يىلى ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان كۆمۈر توختىتىلغان. كۆمۈر قىسلىقىغا دۇچ كەلگەن خىتاي ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىدە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئېنېرگىيە شىركىتى شەرقىي جۇڭغاردىكى ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنى قېزىشنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ يىل 1-پەسىلدە خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارماق شىركىتى 18 مىليون 890 مىڭ توننا كۆمۈر قازغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي جۇڭغار ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى رايونىنىڭ كۆلىمى 40 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، بايلىق زاپىسى 2 مىليارد 606 مىليون توننا كېلىدىكەن. بۇ كاننىڭ كۆمۈرى ئەلا سۈپەتلىك ئوت كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىشقا، گازلاشتۇرۇشقا، سانائەت پار قازىنىغا ۋە پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر قىلىشقا باب كېلىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارماق شىركىتى 18 مىليون 890 مىڭ توننا كۆمۈر قېزىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 5 مىليون 200 مىڭ توننا ئاشۇرغان. جەمئىي 19 مىليون 303 مىڭ توننا كۆمۈر سېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5 مىليون 352 مىڭ توننا ئاشۇرۇپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشتا تارىختىكى يۇقىرى نۇقتىغا چىققان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ تۈر 2020-يىلى خىتاي ئېنېرگىيە گۇرۇھى تەستىقلىغان قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ تۈر ئىكەن. خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا پىششىقلانمىغان كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 238 مىليون توننىغا يەتكەن بولۇپ، خىتايغا نىسبەتەن 4-چوڭ ئاساسلىق كۆمۈر چىقىدىغان رايون بولۇپ قالغان.

خىتاي ئاۋسترالىيەدىن زور مىقداردا كۆمۈر ئىمپورت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى ئاۋسترالىيەنى جازالاش مەقسىتىدە قوللانغان ئىمپورت چەكلىمىسى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ بىر نەچچە ئۆلكىسىدە ئېغىر توك توختاپ قېلىش يۈز بەرگەن. توكنىڭ تەننەرخىمۇ ئېشىپ، كۆپلىگەن رايون ۋە زاۋۇتلارنى توك بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەن. بۇ سەۋەبلىك خىتاي كۆمۈر ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1356 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2022 14:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق