تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى لىنىيە ئېچىشنى پىلانلىدى

خىتاينىڭ تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى 22-ماي شىخەنزە-كۇچا-خوتەن ھاۋا لىنىيەسىنى، 24- ماي شىخەنزە-كۇچا-قەشقەر ھاۋا لىنىيەسىنى يېڭىدىن ئېچىشنى پىلانلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش مەقسەت قىلىنغان بۇ پىلان ئىشقا ئېشىپ قالسا، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاۋىياتسىيە نۇقتىسى 17گە يېتىدىكەن.

خىتاي ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى تاش يول ۋە تۆمۈر يول لىنىيەسىنى كۆپلىگەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۇتاشتۇرغانىدى. يېقىندا خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاۋىياتسىيە قۇرۇلۇشىغا زور كۆلەمدە خىراجەت ئاجرىتىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندىكى ئايرودۇرۇم تۈرىگىلا 7 مىليارد 880 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان. بۇ پىلاننىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزكۇر لىنىيەلىرى يېڭىدىن ئېچىلىشقا تەييارلانغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىخەنزە ئايرودۇرۇمىدىكى ئاۋىياتسىيە نۇقتىلىرى بىر قەدەر ئاز بولۇپ، يېڭى ھاۋا لىنىيەلىرىنىڭ ئېچىلىشى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ۋە ئاققۇنلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىنى قولايلاشتۇرۇپ، ئايروپىلان قاتنايدىغان شەھەرلەر ئارا 90 مىنۇتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن. بۇ پىلان بويىچە بولغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى مۇھىم بازارلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىخەنزە، كۇچا، خوتەن، قەشقەردىن ئىبارەت تۆت جاي ئارىسىدا قاتناش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىنىدىكەن. بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلغان ھاۋا لىنىيەلىرىنىڭ باھاسى 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە بولىدىكەن.

خىتاي ئىشغالىيەتچى رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشنى تېزلەتمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىدىكى مۇھىم تۈگۈن ھېسابلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا قاتنىشى، تۆمۈر يول ۋە تاشيوللىرىنى كۆپلەپ قۇرۇپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى داۋاملىق بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1475 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2022 12:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق