گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى كەلكۈننىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى

بىر نەچچە كۈندىن بېرى گۇاڭدۇڭدا ياغقان قاتتىق يامغۇر ئاپەتكە ئايلانغان بولۇپ، يىغىلغان سۇلارنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ۋە ماشىنىلار قاپسىلىپ قالغان.

تېڭشۈن تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، نۇرغۇن يوللاردا سۇ يىغىلىپ قالغان. 11-ماي ئەتىگەندە جۇڭشەن شەھىرىنىڭ ئۈچ يېزىسىدىكى 105-نومۇرلۇق تاشيولدا بىر نەچچە كىشىنىڭ ماشىنىسى قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى چاقىرىشقا مەجبۇر بولغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر ئۈچ يېزا-بازاردىكى نۇرغۇن خىتايلار ئاپەت سەۋەبىدىن قاپسىلىپ قالغان. شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13:00 گىچە گۇاڭدۇڭدىكى 10 رايوندا قارا يامغۇر ھەققىدە قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنغان. سەككىز ئورۇندا قارا يامغۇر، گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ۋە كۈچلۈك شامال توغرىسىدا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىنغان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 983 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2022 11:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق