خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 7-ماي ئورگان تور بېكىتىدە «ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلىي ھېسابى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دېموكراتىيە فوندىنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
دوكلاتتا ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندى «خەلقئارادىكى بارلىق رەڭلىك ئىنقىلابلارنى قوزغاش، يەرلىك سىياسىي گۇرۇپپىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش» ۋە شۇنداقلا «باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمەتلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئامېرىكىنى قوللايدىغان كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش» قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلەنگەن.
خىتاي رېجىمى مەزكۇر دوكلاتىدا ئامېرىكا دېموكراتىيە فوندىنىڭ نۇرغۇنلىغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسى ئىكەنلىكى، بۇ فوندنىڭ 2004-يىلدىن 2020-يىلغىچە ھەر خىل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى 8 مىليون 750 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، ئۇندىن باشقا پەقەت 2020-يىلىلا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق تەشكىلاتلىرىنى تەخمىنەن 1 مىليون 240 مىڭ دوللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، بۇنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ د ئۇ ق قاتارلىق تەشكىلاتلارغا تارقىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا مەزكۇر فوند جەمئىيىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەمەلدارى گېرشماننىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ خىتايدا يەنە بىر قېتىم رەڭلىك ئىنقىلاب قوزغاپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتكە ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، 2019-يىلى 6-ئايدا گېرشماننىڭ مەزكۇر فوندى جەمئىيىتىنىڭ «دېموكراتىيە مۇكاپاتى» پائالىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئالغانلىقى قەيت قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا دېموكراتىيە فوندىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇرلار بىرلەشمىسىگە بىۋاسىتە خىراجەت ئاجرىتىپ، مىليونلىغان دوللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، ئۇلارنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى، خىتايغا قارشى كۈچلەرنى توختىماي كۈچەيتكەنلىكى، مەزكۇر فوندنىڭ 2019-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ئاجراتقان ياردىمىنىڭ 900 مىڭ دوللارغا يەتكەنلىكى، بۇ خىراجەتلەرنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خاتىرىلەش»، «كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» تۈرىگە ئىشلىتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا يەنە ئامېرىكا دېموكراتىيە فوندىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئاجراتقان ياردىمىنىڭ 2020-يىلى 1 مىليون 240 مىڭ دوللارغا كۆپەيتىلگەنلىكى، بۇ ئىقتىساد ئارقىلىق ئىچى-سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈچلىرى»نى سەپەرۋەر قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي رېجىمى دوكلاتتا يەنە ئىزچىل تەكرارلاپ كەلگەن ئىبارىلەرنى تەكرارلاپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئامېرىكا دېموكراتىيە فوندى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگەن تەشكىلاتلار ئوتتۇرىغا چىقاردى، دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاي رېجىمى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل ھالدا ئىنكار قىلىپلا قالماي، بۇنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ئويۇنى، دەپ جار سېلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر دوكلات خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ھەقتىكى سەپسەتىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان يەنە بىر ئۇرۇنۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيە فوندى 1983-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باشقا دۆلەتلەردىكى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلغان تەشكىلات سۈپىتىدە، سىياسىي گۇرۇپپىلارنى، سودا ئۇيۇشمىلىرىنى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ