خىتاينىڭ شياۋمى شىركىتى ھىندىستان قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تىجارەت ئورۇنلىرىنى تەكشۈرگەنلىكىنى ۋە «قوپاللىق بىلەن تەھدىت سالغان»لىقىنى باھانە قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا شىكايەت قىلغان بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ھىندىستانغا نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 9-ماي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ھىندىستان قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ ھىندىستاندىكى شياۋمى شىركىتىنىڭ تىجارەت ئورۇنلىرىنى تەكشۈرگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
يىغىندا بىر مۇخبىر: «شياۋمى شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ھىندىستان قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتىنىڭ قوپاللىق بىلەن تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟» دەپ سورىغان. جاۋ لىجيەن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ بۇ ئىشقا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ ئىزچىل ھالدا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ چەت ئەللەردە قانۇنلۇق، قائىدىلىك تىجارەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قوللايدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
يىللاردىن بېرى خەلقئارا سودا تەرتىپىنى بۇزۇپ كەلگەن خىتاي رېجىمىنىڭ باياناتچىسى يەنە: «ھىندىستاننىڭ خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشىنى كەمسىتمەيدىغان سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ھالدا تەكشۈرۈپ قانۇن ئىجرا قىلىپ، خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ جار سالغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ھىندىستان قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگىنى 1-ماي تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ يانفون ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى شياۋمىنى قانۇنسىز ھالدا چەت ئەل ئورگانلىرىغا ئىجارە ھەققى ئۈچۈن يالغاندىن پۇل تۆلەش تەرىقىسىدە پۇل ئەۋەتكەنلىك بىلەن ئەيىبلىگەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى 1999-يىلىدىكى تاشقى پېرېۋوتنى كونترول قىلىش قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، شياۋمى شىركىتىنىڭ ھىندىستاندىكى بانكا ھېساباتىدىن 55 مىليارد 5127 مىليون رۇبلى (تەخمىنەن 725 مىليون دوللار) تۇتۇپ قالغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ