دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرى ئۈچ كۈن ئىچىدە بىر تىرىليون دوللاردىن كۆپ زىيان تارتتى

ئامېرىكا مەركىزىي بانكىسى (ئامېرىكا فېدېراتىپ زاپاس پۇل كومىتېتى) 4-ماي ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى %1-0.75 ئارىلىقىدا ئۆستۈرگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېخنولوگىيە شىركەتلىرى ناھايىتى ئېغىر زىيان تارتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەقەت ئۈچ كۈن ئىچىدە تارتقان زىيىنىلا جەمئىي بىر تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان.

زىيان تارتقان بىرقىسىم تېخنولوگىيە شىركەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارتقان زىيىنى تۆۋەندىكىچە:

ئالما (Apple) شىركىتىنىڭ تارتقان زىيىنى 220 مىليارد دوللار؛

مىكروسوفتنىڭ 189 مىليارد دوللار؛

تېسلانىڭ 199 مىليارد دوللار؛

ئامازوننىڭ 173 مىليارد دوللار؛

گۇگىلنىڭ 123 مىليارد دوللار؛

ئىنۋىدىيانىڭ 85 مىليارد دوللار؛

فېيسبۇكنىڭ 70 مىليارد دوللار.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 961 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2022 19:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق