ب د ت ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدە ھەرخىل چاقىرىقلار ئېلان قىلىنماقتا

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىستانبۇلدا مەزكۇر زىيارەتكە ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا بىر تۈركۈم تۈرك ئادۋوكاتلار، جازا لاگېرى قۇربانلىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرى قاتناشتى. يىغىن زالىغا خىتاي تەرىپىدىن جازا لاگېرىغا قامالغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرى تىزىلدى.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلگەن ئادۋوكات گۈلدەن سۆنمەز خانىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ مەقسىتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ئۈستىدىن تۈركىيە باش تەپتىش مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان جىنايى ئىشلار ئەرزنامىسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە قارشى ئالاقىدار ئورگانلىرىغا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا ئازاب چېكىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئۇ باياناتىدا يەنە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ناتسىست لاگېرلىرىنى ئۈلگە قىلغان ھالدا قۇرۇپ چىققان جازا لاگېرلىرىدا خەلقنى مىللىي، دىنىي كىملىكىنى باستۇرغان ھالدا پۈتۈنلەي يوقىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە ب د ت نىڭ قۇرۇلۇش غايىسىگە پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارىتىدە چەكلىمىسىز، نازارەتسىز ھالدا ھەقىقىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا زىيارەت جەريانىدا لاگېر قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرمۇبىر كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن جازا لاگېرى قۇربانلىرى نۆۋەت بىلەن سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، يېقىنلىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ناھەق جازا ۋە ئېغىر كۈنلىرىنى تونۇشتۇردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن گۇرۇپپىسى 25-ئاپرېل خىتايغا يېتىپ بارغان بولۇپ، ئالىي ئەمەلدار مىشېل باچېلېت بۇ ئايدا خىتاينى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتىكەن.

نۆۋەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھەققىدىكى چاقىرىقلار ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، 2-ماي ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ۋەكىللىرى قاتناشقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت خىتاينى زىيارەت قىلىشنى كېچىكتۈرۈشكە چاقىرىلغانىدى.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سۆز قىلىپ: «مىشېل باچېلېت ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بېقىشى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشى، ئاندىن خىتايدىن نېمىلەرنى سورايدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ ئالىي ئەمەلدار كۆپ قېتىم بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى يەردە قويدى، بۇ قېتىملىق زىيارەتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەنىدى.

شۇنداقلا 5-مايمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەتسىز ئورگانلار ۋە گۇرۇپپىلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، مىشېل باچېلېتنى شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغانىدى.

شۇنداقلا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن بۇرۇن خىتاينىڭ ئاللىبۇرۇن بارلىق تەييارلىقلارنى قىلىپ بولغانلىقىنى، خەلقنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان بارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى تىلغا ئالماسلىقى ھەققىدە تەنبىھ بېرىپ، ئۇنى دۆلەت مەخپىيىتى سۈپىتىدە سۈپەتلەپ، ئۇلارنى چەت ئەل ئاخبارات خادىملىرىغا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن «بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى» ئېلان قىلغانلىقىنى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ھەيئىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىن بۇرۇن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن كۆرۈشمەسلىكى ۋە مەسلىھەتلەشمەسلىكى بۇ زىيارەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان كۆپ قىرلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى ھەققىدىكى ھەقىقەتلەرنىڭ كۈتۈلگەن تەرىقىدە نەتىجىلىنىشىنىڭ شۈبھىلىك ھالغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە خىتاي رېجىمىنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەھنىلەر ۋە شەخسلەر ئارقىلىق، ب د ت ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

بۇ خەۋەر 1088 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2022 18:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق