ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتە ئورگان تور بېكىتىدىكى «ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتى» سەھىپىسىنى يېڭىلىغان بولۇپ، «تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسمى»، «ئامېرىكا تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى چىقىرىۋەتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتە ئورگان تور بېكىتىدىكى «ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتى» سەھىپىسىنىڭ «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت» قىسمىنى يېڭىلىغان بولۇپ، كونا نۇسخىدىكى 1979-يىلى ئامېرىكا-خىتاي بىرلەشمە باياناتىغا ئاساسەن يېزىلغان «تەيۋەن خىتاينىڭ بىر قىسمى» دېگەن مەزمۇنلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن، شۇنداقلا «ئامېرىكا تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنىمۇ تىلغا ئالمىغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، مىنىستىرلىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «بىر خىتاي سىياسىتى»دە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر باياناتچىسى ئاخبارات ئورگانلىرىغا يوللىغان خېتىدە بۇ توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىپ: «بىزنىڭ بىر خىتاي سىياسىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولمىدى. ئامېرىكىنىڭ بىر خىتاي سىياسىتى تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى، ئۈچ تەرەپلىك بىرلەشمە بايانات ۋە ئالتە تۈرلۈك كاپالەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولىدۇ. بىزنىڭ تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىمىز ئىنتايىن مۇستەھكەم...» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينى تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بېسىم چۈشۈرۈشنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلغان.
گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي سىياسىتى»نى قوللايدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردە تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرماقتا. ئانالىزچىلارمۇ ئامېرىكا تىلغا ئېلىۋاتقان «بىر خىتاي سىياسىتى» بىلەن خىتاي تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «بىر خىتاي سىياسىتى»نىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
تەييارىلغۇچى: ي. قۇرۇم