ياۋروپا پارلامېنتى خىتايدا قامالغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىش قىلمىشىغا قارشى جىددىي قارار ماقۇللىدى.
بۈيۈك دەۋر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى 5-ماي فىرانسىيەنىڭ ئىستراسبۇرگدا ئومۇمىي يىغىن ئاچقان بولۇپ، يىغىندا جىددىي قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ۋىجدان مەھبۇسلىرى، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىغا قارشى، سىستېمىلىق داۋام قىلىۋاتقان ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش قىلمىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قاراردا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن خىتاينىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يىغىۋېلىش قىلمىشىنى ئاشكارا ئەيىبلەش تەلەپ قىلىنغاندىن سىرت، بارلىق ئەزا دۆلەتلەردىن ھەرىكەت قوللىنىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ ئەزا كۆچۈرۈشىنى چەكلەش، بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى قىلغاندا مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىچكى ئەزانى سۇغۇرۇۋېلىش مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايدىكى ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش مەسىلىسىنى مۇستەقىل نازارەت قىلىشىغا يول قويۇش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
قاراردا يەنە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتايدىكى ئىچكى ئەزالىرىنى سىستېمىلىق يىغىۋېلىش جىنايىتىگە ئالاقىدار دوكلاتلارغا، جۈملىدىن فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇۋېلىش قىلمىشىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
قاراردا يەنە ياۋروپا پارلامېنتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، ئۇنى زىيارەت جەريانىدا خىتايدىكى ئىچكى ئەزا ئەتكەسچىلىكىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.
ياۋروپا پارلامېنتى يەنە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن خىتاينىڭ ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى، خىتايدىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلات ئەزالىرىدىن تەلەپ قىلىنغان ئېرىشكەن ئىچكى ئەزالارنىڭ مەنبەسىنى ئاشكارىلاش تەلىپىگە تولۇق ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ