ئىستىخبارات ئەمەلدارى: ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاينىڭ تەيۋەن پىلانىغا تەسىر كۆرسەتتى

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس ئالدىنقى شەنبىدىكى باياناتىدا خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قاتتىق كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىتاينىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى پىلان، خىياللىرىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 8-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋىليام بۇرنس پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىشى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور بەدەل تۆلىشىنىڭ خىتاينى چۆچۈتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇرنس خىتاينىڭ ھازىر «ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، تەيۋەننى قورال كۈچى بىلەن كونترول قىلىش» خىيالىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا باشلىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئەيىبلەشنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، غەربنىڭ موسكۋاغا قاراتقان جازاسىنى تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشتىن بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى خىتاي بىلەن رۇسىيە «چەكسىز ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق»نى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا ۋە غەربكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ يېقىن ئېنېرگىيە ۋە بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقان.

بۇرنس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «مېنىڭچە پۇتىن رەھبەرلىكىدىكى رۇسىيەنىڭ يېقىنقى 10-11 ھەپتە ئىچىدىكى ئۇكرائىنادا دۇچ كەلگەن ئازابلىق كەچۈرمىشلىرى نۇرغۇن تەرەپلەردە خىتاي-رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ يەنىلا چەكلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 859 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2022 12:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق