لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىدا باشتىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىملىك خەۋەر خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مۇكاپات ھېسابلىنىدىغان «پۇلىتزېر مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
ئاخبارات، ئەدەبىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى نادىر ئەسەرلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان پۇلىتزېر مۇكاپاتىنىڭ بۇ يىللىقى 9-ماي ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇكاپاتنىڭ «رەسىملىك خەۋەر ۋە ئوبزور» تۈرىگە لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ جازا لاگېرىدا باشتىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق كۈنلىرى تەسۋىرلەنگەن، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى پۈتۈن دۇنياغا يورۇتۇپ بەرگەن «مەن خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن قانداق قۇتۇلدۇم» سەرلەۋھەلىك رەسىملىك خەۋەر تاللاندى.
مەزكۇر رەسىملىك خەۋەر فەھمىدە ئەزىم، ئانتونى دېل كول ۋە جوش ئادام قاتارلىق ئۈچ ئاپتور تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، بۇلتۇر 28-دېكابىر «Insider» تورىدا ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ قانداق بولۇپ جازا لاگېرىغا قامالغانلىقى، جازا لاگېرىدا باشتىن كەچۈرگەن ۋە شاھىت بولغان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭ قانداق بولۇپ لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققانلىقى كارتون رەسىم ۋە بايانلار ئارقىلىق تەپسىلىي تەسۋىرلەپ بېرىلگەن.
پۇلىتزېر مۇكاپاتى 1917-يىلى ئامېرىكىدا تەسىس قىلىنغان خەلقئارالىق نوپۇزلۇق مۇكاپاتلاردىن بىرى بولۇپ، ئاخبارات، ئەدەبىيات، تىياتىر ۋە مۇزىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى نادىر ئەسەرلەر تاللىنىدۇ. مۇكاپات ھەر يىلى 5-ئاينىڭ تۇنجى دۈشەنبىسىدە تارقىتىلىپ كەلمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم