يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىسمائىل چاتاقلى تۈركىيەدىكى مۇساپىر كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئىسمائىل چاتاقلىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە ئىكەن:
سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى باشلىنىپ ھازىرغىچە تۈركىيەگە كەلگەن سۇرىيەلىكتىن جەمئىي 3 مىليون 768 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ۋاقىتلىق قوغدىلىدىغان كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ كۆچمەنلەردىن ھازىرغىچە جەمئىي 200 مىڭ سۇرىيەلىك تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇلاردىن 47 مىڭ كىشى تۈركمەن ئىكەن.
ئاھىسكا تۈركلىرىدىن جەمئىي 102 مىڭ كىشىگە تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلگەن.
ئافغانىستاندىن كەلگەن كۆچمەنلەردىن جەمئىي 17 مىڭ كىشىگە تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلگەن.
شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن 6787 كىشىگە تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلگەن (قانچىنچى يىلىدىن قانچىنچى يىلىغىچە ئىكەنلىكى ئېيتىلمىغان) بولۇپ، يەنە 2000 ئۇيغۇرنىڭ پۇقرالىقى تەستىقلىنىش ئالدىدا ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىنغان سۇرىيەلىكلەر 2021-يىلى 3-ئايغىچە تۈركىيەدە ئوتتۇرا، كىچىك ۋە ئادەتتىكى بولۇپ قۇرغان كارخانىلارنىڭ سانى 20 مىڭغا يەتكەن.
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر