بەش دۆلەت پايتەختىنى يۆتكىمەكچى

ھىندونېزىيە، مىسىر، كورىيە، مونتسېررات ئارىلى ۋە ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى قاتارلىق بەش دۆلەت پايتەختلىرىنى باشقا شەھەرلەرگە يۆتكىمەكچى بولغان. بۇ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پايتەختلىرىنى يۆتكەش ياكى كۆچۈرۈش قانداقتۇر سىياسىي سەۋەبلەردىن ئەمەس، بەلكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە تەبىئىي شارائىت سەۋەبىدىن ئىكەن.

بۇلاردىن مىسىرنىڭ نوپۇسى 102 مىليون 300 مىڭ (2020-يىلقى) بولۇپ، پايتەختى قاھىرە شەھىرىنىڭ نوپۇسى شەھەرگە قاراشلىق ھەرقايسى رايونلارنىڭ نوپۇسى بىلەن قوشۇلۇپ 20 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، 2050-يىلىغا بارغاندا 40 مىليونغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. مىسىر ھۆكۈمىتى دۆلەت پايتەختىنى يۆتكەش پىلانىنى 2015-يىلى باشلىغان بولۇپ، يېڭى پايتەختنىڭ ئىسمى ھازىرچە «يېڭى مەمۇرىي پايتەخت» دەپ ئاتالغان. يېڭى پايتەخت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن ئالتە مىليون ئەتراپىدا بولۇشى پىلانلانغان بولۇپ، كۆچۈرۈش خىزمىتى يەنە ئالتە-يەتتە يىلدا ئەمەلگە ئاشىدىكەن.

ھىندونېزىيەنىڭ نوپۇسى 275 مىليونغا يېقىن بولۇپ، پايتەختى جاكارتانىڭ نوپۇسى 30 مىليوندىن كۆپ ئىكەن. ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى پايتەختىنى ھازىرقى پايتەختىدىن تەخمىنەن 2000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بورنېئو ئارىلىغا جايلاشقان نۇسانتارا دېگەن شەھەرگە يۆتكەشنى قارار قىلغان. پايتەختنى يۆتكەش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، ھەممە ئىشلار پىلان بويىچە بولسا 2024-يىلى يۆتكىلىدىكەن.

كورىيەنىڭ نوپۇسى 52 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، پايتەختى سېئۇلنىڭ نوپۇسى 25 مىليونغا يېقىن ئىكەن. كورىيە 2007-يىلى پايتەختىنى ھازىرقى پايتەختىدىن 120 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى سېجوڭ شەھىرىگە يۆتكەشنى پىلانلىغان. كورىيەنىڭ پايتەختنى يۆتكىمەكچى بولۇشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى سىياسىي سەۋەب بولۇپ، ھازىرقى پايتەختى سېئۇل شىمالىي كورىيە چېگراسىغا پەقەت 30 كىلومېتىر كېلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن كورىيە ھۆكۈمىتى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن باشقا، بىخەتەرلىكنىمۇ كۆزدە تۇتقان.

بۇلاردىن يەنە بىرى مونتسېررات ئارىلى بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئانتىللېس رايونىدىكى بىر ئارال ئىكەن. بۇ دۆلەت ياكى ئالاھىدە رايون 1632-يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيەنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن بولۇپ، نوپۇسى 7000 ئەتراپىدا ئىكەن. پايتەختى «Plymouth de jure» بولۇپ، نوپۇسى 4000 ئىكەن. بۇ دۆلەت پايتەختى 1995-يىلى ۋە 1997-يىلى پارتلىغان يانار تاغنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، پۇقرالار ئاساسەن ئۆيسىز قالغان. دۆلەت رەھبەرلىرى 2013-يىلىدىن باشلاپ پايتەختنى ئارالنىڭ شىمالىدىكى مىڭ كىشى ياشايدىغان بىرادېس شەھىرىگە كۆچۈرۈشنى قارار قىلغان. يېڭى پايتەختنى 2022-يىلى پۈتكۈزۈپ بولۇش پىلانلانغان بولسىمۇ، خىتاي ۋاباسى سەۋەبلىك ۋاقتىدا پۈتكۈزەلمىگەن.

ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى. بۇ دۆلەتنىڭ يەر مەيدانى 28,050 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسى بىر يېرىم مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، پايتەختى مالابونىڭ 300 مىڭ ئەتراپىدا نوپۇسى بار ئىكەن. بۇ دۆلەت 2015-يىلىدىن باشلاپ پايتەختىنى دۆلەت زېمىنىنىڭ ئەڭ چوڭ پارچىسى بولغان ئاساسلىق قۇرۇقلۇقنىڭ شەرقىدىكى «Ciudad de la Paz» دېگەن شەھەرگە كۆچۈرۈشنى پىلانلىغان. پىلاندا پايتەختنى كۆچۈرۈش ۋاقتى 2020-يىلى دەپ بېكىتىلگەن. بۇ دۆلەت ئافرىقىدىكى نېفىت زاپىسى ئەڭ مول دۆلەت بولسىمۇ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن پايتەختىنى ۋاقتىدا كۆچۈرۈپ بولالمىغان.

 

تەييارلىغۇچى: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 1114 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2022 17:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق