شاڭخەيدىكى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭغا قارشى قاتتىق تەدبىرلەر خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر قىلغان بولۇپ، خىتاي تاموژنا ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 4-ئايدا خىتاي ئېكسپورتىنىڭ ئېشىش ئەھۋالى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئېكسپورتى ئۈچىنچى ئايدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.7 ئاشقان بولسىمۇ، 4-ئايغا كەلگەندە ئېشىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا %2.7 تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇ 2020-يىلى 6-ئايدىن بۇيان خىتاي ئېكسپورتىدىكى ئەڭ ناچار ئەھۋال ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى ئايدا نەچچە ئون مىليون خىتاي پۇقراسى ۋىرۇس سەۋەبلىك ئۆيلىرىگە قامالغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ماشىنا سانائىتىنىڭ بۆشۈكى دەپ ئالغان شاڭخەيدە 25 مىليون ئاھالە بار بولۇپ، نۇرغۇن دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ مەركىزى بۇ يەرگە جايلاشقان. خىتاينىڭ ۋىرۇس سەۋەبلىك چوڭ شەھەرنى قامال قىلىشى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي پائالىيىتى ۋە يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.
گەرچە خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقان ۋە خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رېجىمى يۇقۇمغا قارشى «نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ