بېنگال مۇسۇلمانلىرى دوپپا كۈنىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى

يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن كۆپلەپ ئاۋاز چىقىرىپ كەلگەن بېنگال خەلقى 5-ماي ئۇيغۇر دوپپا كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش جىنايىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 5-ماي بېنگالدىكى BBSS پاراۋانلىق جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، داككا شەھىرىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋېلىسىپىتلىك يۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىشچىلار بېكىتىلگەن نۇقتىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن. نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىلىشىغا كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار، ژۇرنالىستلار، تەشكىلات مەسئۇللىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە سىياسىي پارتىيەلەر قاتناشقان.

يەنە بىر بۆلۈك ياشلار دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى ئالدىدا سەھنە تەييارلىغان بولۇپ، رول ئېلىپ ئويۇن قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقى شەرقىي تۈركىستاندا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇملارنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

شۇ كۈنى يەنە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەر داككا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ رايونىدىكى تاملارغا، خۇسۇسەن خىتاي تىلى مەركىزىنىڭ ئەتراپىغا خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ئالاقىدار پىلاكات ۋە رەسىملەرنى چاپلاپ، خەلقئارانى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

بېنگال مۇسۇلمانلىرى ھازىرغا قەدەر شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئاۋاز چىقارغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى قاتارلىق ئالاھىدە كۈنلەردە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1241 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2022 00:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق