خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا ئالاقىدار بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتنى ئاشكارىلىدى

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرى 2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەرخىل ناملار بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئالاقىدار بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان سۈرگۈن قىلىش جىنايىتىنى ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق ناملار بىلەن پەردازلاپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىكى خەلقنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا زور تۈركۈمدىكى خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈپ كەلمەكتە.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرىلىرى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا كۆپ خىل يول، كۆپ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى، سۈرگۈن قىلىشنى مۇقىم ھالدا كېڭەيتكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەر-بازارلاردا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 469 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھەرخىل تەرىقىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان.

خەۋەردە خىتاي رېجىمىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالمىش «يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى سىياسىتىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بۇيۇملىرى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 2012-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزىلىرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ 28 مىليون 420 مىڭ ئادەم قېتىم «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى» دەۋا قىلىنغان.

خەۋەردە قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازىرىدا «چېڭشى كەنتى 2-، 3-كەسىپ سانائەت باغچە رايونى» دەپ نام بېرىلگەن ئەمگەك رايونى مىسال تەرىقىسىدە قەيت قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ئورۇنغا كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قۇرۇلغانلىقى، «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا 600 دىن ئارتۇق يېزا ئاھالىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ھالبۇكى، خىتاي رېجىمى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى ئىزچىل ھالدا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا يوشۇرۇپ كەلمەكتە.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان-ئىشچىلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاتالمىش «14-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر يىلى يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىم مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئاتالمىش «يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» قاتارلىق ئىبارىلەر قايتا تەكرارلانغان.

خىتاي يېقىندىن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بىر تەرەپتىن جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماشنى زور دەرىجىدە كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۆز يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىپ باشقا جايلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ، سۈرگۈن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يۇقىرى مائاش، ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر قاتارلىق تەمىناتلار ئارقىلىق قىزىقتۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1316 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2022 00:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق