خىتاي شىركەتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بارلىق بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ قانۇندا تەلەپ قىلىدىغان بىر قىسىم مالىيە ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان. بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا بازارغا سېلىنغان خىتاي شىركەتلىرىنى قەرەللىك تىزىملىكتىن چىقىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى 4-ماي 80 دىن ئارتۇق خىتاي شىركىتىنى ئاكسىيە بازىرىدىن چېكىندۈرۈلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە 25-مايغىچە مۆھلەت بېرىپ، بازارغا كىرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان ئىسپاتلارنى تولۇقلاشقا بۇيرۇغان.
ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى ئالدىنقى ئاينىڭ 12-كۈنى ئوخشاش ھەرىكەت قوللانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 130 غا يېقىن خىتاي شىركىتى ئاكسىيە بازىرىدىن چېكىندۈرۈلىدىغانلار ياكى چېكىندۈرۈلگەنلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 2020-يىلدىكى ئامېرىكىنىڭ «چەتئەل شىركىتى مەسئۇلىيەت قانۇنى»غا ئاساسەن، ئاكسىيە سودا كومىتېتى ئۇدا ئۈچ يىل ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمىغان چەت ئەل شىركەتلىرىنى ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىدىن چىقىرىۋېتەلەيدىكەن.
ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا پاي بازىرىدا بازارغا سېلىنغان خىتاي شىركەتلىرى ئاكسىيە سودا كومىتېتىنى خىتاينىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتلەر تەمىنلەيدىغان بىر قىسىم مالىيە دوكلاتى ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىمىگەن. ئۆتكەن ئىككى يىلدا خىتاينىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى چەتئەلدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرگە بولغان سانلىق مەلۇماتنى كونترول قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فاڭ شىڭخەي ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا ئاممىۋى شىركەت بوغالتىرلىق نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى نەق مەيداندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشىغا يول قويۇش ئۈچۈن، يېقىن كەلگۈسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما ئامېرىكا ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى بۇنى تېخىچە دەلىللىمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ