دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 200 دىن ئارتۇق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، ھۆكۈمەتسىز ئورگانلار ۋە گۇرۇپپىلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنى شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 220 تەشكىلات 5-ماي ئېلان قىلغان مەزكۇر بىرلەشمە باياناتتا، بۇ مەزگىلدە زىيارەت قىلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ خەلقئاراغا قاراتقان تەشۋىقاتىغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا مىشېل باچېلېتنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ مىللەتلەر توپىدىن خىتاي رېجىمنىڭ باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەپ باقمىغانلىقى قەيت قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىشېل باچېلېتنىڭ بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر، تىبەت. موڭغۇللارنىڭ ئىچىدىكى شاھىتلارنىڭ بىۋاسىتە كۆرۈشۈپ، ئۆز ئەھۋالىنى بىلدۈرۈش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئىلاۋە قىلىنغان.
باياناتتا يەنە خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى چەكلىمىسىز ۋە ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھالدا تەكشۈرۈشكە يوق قويىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىشتىن بۇرۇن، باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتنى كېچىكتۈرۈشى كېرەكلىكى، بۇ شەرتلەر كاپالەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ زىيارەت داۋام قىلغان تەقدىردە، باچېلېتنىڭ بۇ قېتىملىق تەستە كەلگەن پۇرسەتنى نابۇت قىلىۋېتىدىغانلىقى، شۇنداقلا خىتايغا ئۆز جىنايەتلىرىنى ئاقلايدىغان يەنە بىر كوزىر پەيدا قىلىپ بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
مىشېل باچېلېتنىڭ ئىشخانىسى بولسا خىتاينىڭ «نازارەت قىلىنمايدىغان، چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان» زىيارەتكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش ۋەدىسى قاتتىق گۇمان قوزغىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايمۇ ھازىرغا قەدەر بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى، بەلكى دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا جار سېلىپ كەلمەكتە.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن گۇرۇپپىسى 25-ئاپرېل خىتايغا يېتىپ بارغان بولۇپ، ئالىي ئەمەلدار مىشېل باچېلېتنىڭ بۇ ئاي ئىچىدە زىيارەتنى باشلايدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم