تور بىخەتەرلىكى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، خىتايغا باغلانغان خاككېرلار گۇرۇپپىسى ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى 30 نەچچە ياسىمىچىلىق ۋە تېخنىكا شىركىتىنىڭ سەزگۈر ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بوستوندىكى تور بىخەتەرلىك شىركىتى «Cybereason» خىتايغا باغلانغان خاككېرلارنىڭ دورا ۋە ئاۋىياتسىيە سانائىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ياساش لايىھەسىنى نىشانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر شىركەت بۇ ئەھۋالنى بۇلتۇر بايقىغان بولۇپ، خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمى ئاز دېگەندە 2019-يىلىدىن تارتىپ باشلانغان. شۇندىن بۇيان نۇرغۇن ئۇچۇر ئوغرىلانغان. تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ۋەقە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سانائەت جاسۇسلۇقى ۋە ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلاش قىلمىشى ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا CBS قانىلىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلار گۇرۇپپىسى «APT 41» باشچىلىقىدىكى تور ھۇجۇمى ھازىرغا قەدەر ياسىمىچىلىق، ئېنېرگىيە ۋە دورا سانائىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دۆلەت ھالقىغان 30 شىركەتنىڭ نەچچە تىرىليون دوللار قىممىتىدىكى سەزگۈر تېخنىكا ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلىغان.
شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز كۈرەشچى ئايروپىلان، تىك ئۇچار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش پىلانىنى تۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي دىئابىت كېسىلى، سېمىزلىك، چۈشكۈنلۈكنى داۋالايدىغان دورىلارنىڭ ياساش تېخنىكىسى قاتارلىق ئەقلىي مۈلۈكلەرنى ئوغرىلىدى» دېگەن.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي 2025-يىلى كۈچلۈك ياسىمىچىلىق دۆلىتىگە ئايلىنىش پىلانىنى تۈزگەن بولۇپ، تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەقلى مۈلۈكلەرنى ئوغرىلىغان. مۇناسىۋەتلىك ياساش تېخنىكىلىرى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ مۇھىم نىشانىغا ئايلانغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ