شەرقىي تۈركىستاندا بىر كۈن ئىچىدە يۇقۇملانغۇچىدىن يەنە تۆتى كۆپەيدى

شەرقىي تۈركىستاندا 4-ماي بىر كۈن ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن تۆتى كۆپەيگەن بولۇپ، خىتاي «ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى كونتروللۇقنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا 4-ماي 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار كۆرۈلمىگەنلىكى، كېسەللىك ئالامىتى يوق تۆت يۇقۇملانغۇچىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بۇلار ئىلگىرى دوكلات قىلىنغان ئىككى يۇقۇملانغۇچى بىلەن قويۇق ئۇچراشقانلار بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ مىدوڭ رايونىدىكى تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقالغان. ئۇلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى تېببىي كۆزىتىلىش ئورنىغا ئەۋەتىلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ھازىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونىدا دىياگنوز قويۇلغان ئۈچ بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان، 49 يۇقۇملانغۇچى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشتىن بىكار قىلىنغان. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى جەمئىي 101 بولۇپ، بۇلاردىن 99ى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدوڭ رايونىدا بولۇپ، قالغان ئىككىسى تەڭرىتاغ رايونىدا ئىكەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي سەھىيە كومىتېتى 4-مايدىكى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئومۇمىي ئەۋالىنى ئېلان قىلغان. خىتايدىكى 31 ئۆلكىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋال ئېغىر بولۇپ، ۋىرۇس بارغانسېرى شاڭخەيدىن باشقا شەھەرلەرگە كېڭىيىشكە باشلىغان. بىر كۈن ئىچىدە شاڭخەيدە يېڭىدىن 261 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن سىرت، بېيجىڭدا 42 بىمار، خېنەندە 14 بىمار، گۇاڭدۇڭدا 13 بىمار، جېجياڭدا 10 بىمار يېڭىدىن كۆپەيگەن.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسنىڭ خەۋەرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى كىشىلەرنىڭ ئۇچرىشىشىنى ئازايتىش مەقسىتىدە كونتروللۇقنى قاتتىق كۈچەيتكەن بولۇپ، 4-ماي ھەرقايسى رايونلاردىكى مېترو بېكەتلىرىنى تاقاش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. ھازىرغا قەدەر 64 مېترو بېكىتى تاقىلىپ توختىتىلغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇقۇم ئەڭ ئېغىر بولغان چاۋياڭ رايونىغا جايلاشقان.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1039 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2022 22:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق