خىتاي بۇ يىل روزا ھېيتتىمۇ ساختىپەزلىكتىن ۋاز كەچمىدى

خىتاي بۇ يىلمۇ ساختا كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ «خاتىرجەم ۋە خۇشال-خۇرام» روزا ھېيت ئۆتكۈزگەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇندى.

خىتاي رېجىمى بۇ يىل روزا ھېيتنى خەلقئارادىن پەرقلىق ھالدا قەستەن 3-مايغا بېكىتكەن بولۇپ، ھېيت كۈنى ساختا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى قايتىدىن ئىشقا سالغان.

خىتاي ئىچىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر نەچچە سىندا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدا بىر توپ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيتنى تەبرىكلەپ، ساما ئويناۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈش تارقالغان.

بۇ خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى كۆپلەپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان تاكتىكىسى بولۇپ، ھەرقېتىمدا پۈتۈن دۇنياغا تونۇشلۇق بولغان ۋەكىللىك ئورۇن ھېيتگاھ جامەسى مەيدانىنى سەھنە ئورنىدا ئىشلەتمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، خۇسۇسەن ئىسلام دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

خىتاي رېجىمى بۇلتۇر روزا ھېيتتىمۇ ئوخشاش ھىيلىنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ، ساختىپەزلىكى ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا تارقىلىپ كەتكەن بىر سىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھېيتتىن بىر كۈن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنى ھېيتگاھ جامەسى ئالدىغا يىغىپ، ساما ئويناشنى مەجبۇرىي مەشىق قىلدۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئەتراپتىكى نازارەت قىلىۋاتقان كادىرلارمۇ دىققەت تارتقانىدى. چەت ئەللىك مۇخبىرلار كىشىلەرنىڭ مەيدانغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ نەگە ماڭغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار نېمە ئىشلىقىنى ئۇقمايدىغانلىقىنى، يۇقىرىدىن مەيدانغا يىغىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش، شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارىنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىگە كوزىر قىلىش ئۈچۈن، بۇ ۋاسىتىنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1228 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2022 23:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق