ئەركىن تۇنىياز: ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ رەئىسى، قورچاق ئەمەلدار ئەركىن تۇنىياز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «ئىسلام دىنى جەمئىيىتى»نى زىيارەت قىلغاندا «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ بىلجىرلىدى.

خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللار مابەينىدە شەرقىي تۈركىستاندا ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنى يولغا قويۇپ، دىنىي باستۇرۇشىنى، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا، يوللۇق كۆرسىتىشكە ئۇرنۇپ كەلمەكتە. يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا خىتاي دائىرىلىرى بۇ سىياسەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 30-ئاپرېل، يەنى روزا ھېيتقا بىر نەچچە كۈن قالغاندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ قورچاق رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتى» ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نوغاي مەسچىتىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، زىيارەت جەريانىدا «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەركىن تۇنىياز يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە بېشارەت بېرىپ: «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك» دەپ جار سالغان.

ئۇ زىيارەت جەريانىدا يەنە ئاتالمىش «سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇش» دېگەن تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرىنى قايتا تەكرارلاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش قارا نىيىتىنى ئىپادىلىگەن. زىيارەتكە قورچاق ئەمەلدارلاردىن زۇمرەت ئوبۇل، ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى 12-ئايدا ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر قانۇننى تۈزۈپ چىقىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە تارقىتىپ بەرگەن. مەزكۇر قانۇندا 2018-يىلىدىن باشلاپ 2022-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»نىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي رېجىمى بۇ بەش يىل ئىچىدە ئىسلام دىنىنى «خىتايلاشتۇرۇش» پىلانىنى يولغا قويۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، نەچچە ئون مىڭ مەسچىتنى چاققان ياكى بۇزۇۋەتكەن، شۇنداقلا زور تۈركۈمدىكى دىنىي زاتلارنى تۇتقۇن قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇشى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر، باھانىلەر ئارقىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، روزا ھېيت يېقىنلاشقان بىر پەيتتە ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش»نى قايتا تەكىتلىشىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1453 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2022 22:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق