كانادا شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە ۋەدە بەردى

كانادا قۇياش ئېنېرگىيە شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، شىركەت مەسئۇللىرى بۇ ئەھۋالنى تەكشۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن.

بۈيۈك دەۋر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادا قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندا فوتوۋولتلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ باش ئىشتابى ئونتارىيونىڭ گېلف شەھىرىگە جايلاشقان. بۇ شىركەت خىتايدىكى ئېنېرگىيە پاي كونترول چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، شىركەت زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان نۇرغۇن ئۇيغۇر بار ئىكەن.

ئۆتكەن يىلى ئەنگلىيە شېفىلد ھالام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى تەتقىقاتچىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە، خۇسۇسەن قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كانادا قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركىتى ۋە نىئاگارا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

بىلدۈرۈشىچە، كانادا قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركىتى ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايىتى تۇمشۇق شەھىرىدە قۇياش ئېنېرگىيەسى تۈرىنى قۇرغان. كانادا قۇياش ئېنېرگىيەسى زاۋۇتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىنى ئىشلەتكەنلىكىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، نۆۋەتتە ئۇلار بۇ تۈرنى سېتىۋەتكەنلىكىنى ۋە كەلگۈسى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۈچىنچى تەرەپنى تەكلىپ قىلىپ، شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغان-چېتىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كانادا قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركىتىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلار مۇناسىۋىتى دىرېكتورى ئىزابېل جاڭ(Isabel Zhang)دۈشەنبە كۈنى «يەر شارى پوچتا گېزىتى»نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، شىركەتنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما تەكشۈرۈشنىڭ ئاشكارا قىلىنىدىغان-قىلىنمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاي رېجىمى ھازىرغا قەدەر زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولۇپ، ھەتتا نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي يۆتكەپ ئىشلەتكەن. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى غەرب ھۆكۈمەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي بۇنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1078 قېتىم كۆرۈلدى
04/05/2022 22:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق