تەيۋەن بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەنگە يېقىن رايوندا خىتايغا تەۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى.
يېڭى ئاكىت گېزىتىنىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن-خىتاي جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى باياناتى ئېلان قىلىنغان. مىنىستىرلىق باياناتچىسى سۈن لىفاڭ تەيۋەنگە يېقىن رايوندا خىتايغا تەۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە تەيۋەن ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىدىكى سۇ ۋە ھاۋا بوشلۇقىدىكى خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ۋە ئارىلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
تەيۋەن بايانات ئېلان قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئارمىيەسى بىرلەشمە خىزمەتچىلەر ئىشخانىسى لياۋنىڭ ئاۋىياماتكىسى ۋە يەتتە قوغلىغۇچى پاراخوت بىلەن تەمىنلىگۈچى پاراخوتلارنىڭ شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىن چىقىپ، تىنچ ئوكيانغا كىرىشتىن بۇرۇن ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋە مىياكو ئارىلى ئارىسىدىكى سۇدىن ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
خىتاينىڭ ئاۋىياماتكا جەڭ گۇرۇپپىسىنىڭ تەيۋەننىڭ شەرقىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر