ما يۈن ھەققىدىكى خەۋەرلەر خوڭكوڭ پاي چېكى بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى

ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى مايۈننىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر خوڭكوڭ پاي چېكى بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى.

ما يۈننىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر پاي بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان بولۇپ، جىددىيلەشكەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايلىرىنى بەس-بەستە سېتىشى نەتىجىسىدە، شىركەتنىڭ پاي باھاسى بىر كۈن ئىچىدىلا %9.4 تۆۋەنلەپ، شىركەت جەمئىي 26 مىليارد دوللار زىيان تارتتى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋدىكى بىر تېخنىكا شىركىتىنىڭ «ما» فامىلىلىك دېرىكتورىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پاي بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان.

خىتاينىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى CCTV نىڭ خاڭجوۋ ج خ ئىدارىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە، «ما» فامىلىلىك باشقۇرغۇچىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش ۋە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە پەقەتلا «ما» فامىلىسى تىلغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر كىشىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت تورى ۋە تېخنىكا شىركىتى ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن دەپ خاتا پەرەز قىلىنىشى نەتىجىسىدە، شىركەتنىڭ خوڭكوڭ ئاكسىيە بازىرىدا سودا قىلىنىۋاتقان پايلىرى كۈندۈزدىلا %9.4 تۆۋەنلىگەن.

CCTV قولغا ئېلىنغان كىشىنىڭ ما يۈن ئەمەسلىكى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، پاي باھاسى قايتا ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما شىركەت ئاللىبۇرۇن 26 مىليارد دوللار زىيان تارتىپ بولغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى بولغان «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»مۇ كېيىن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ما يۈننىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ، «قولغا ئېلىنغان كىشىنىڭ ئىسمى ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپىدۇ، دېگەن گەپ-سۆزلەر يالغان، گۇماندارنىڭ ئىسمى ئۈچ سۆزدىن تەركىب تاپىدۇ» دەپ بايانات ئېلان قىلغان.

خەۋەرلەردە، «ما» فامىلىلىك گۇماندارنىڭ ئالاقە تېخنىكىسى ساھەسىدە ئىشلەيدىغان شىركەتنىڭ تەتقىقات ۋە تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئىكەنلىكى، دۆلەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىدە چەت ئەل كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىق گۇمانى بىلەن ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا قايسى پائالىيەتلەرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلمىغان بولۇپ، خىتاي ھەرقانداق كىشىنى «دۆلەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىسە، ئۇ كىشى ئادەتتە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت شىركىتى ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى ما يۈن 2020-يىلى ئۆكتەبىردە خىتايدىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە بانكىلارنى تەنقىد قىلغان نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، سىرلىق غايىب بولغان ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ئاممىۋى سورۇنغا چىقمىغانىدى. شۇنداقلا 2020-يىلى ئۆكتەبىردە خوڭكوڭ ۋە شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئەلى بابانىڭ ئىنتېرنېت پۇل تۆلەش مۇلازىمىتى ئالىپاي ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مال-مۈلۈكلەرنى بىر مەركەزگە يىغىدىغان چۈمۈلە گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئاشكارا تارقىتىلىشى خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن توختىتىلغانىدى.

 

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1099 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2022 23:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق