ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي رېجىمى ۋە ئورگان تاراتقۇلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىغا ئالاقىدار ساختا تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۆپتۈرۈپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى، قارىماققا بىتەرەپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشىنى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 3-ماي ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا خىتاي رېجىمىنىڭ بىر تەرەپتىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقى ئارىسىدا ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمى ۋە مۇستەقىل تاراتقۇلىرىغا بولغان سەلبىي قاراش شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشقانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر باياناتتا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئاۋامنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە بولغان قارىشىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان. بۇنىڭ بىرىنچىسى خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دەلىللەنگەن بايانلىرىنى كۆپلەپ تارقاتقان. رۇسىيەمۇ ماس ھالدا بۇ خەۋەرلەردىن پايدىلانغان.
ئىككىنچىسى، خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ھەققىدىكى باياناتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە كېسىۋەتكەن ۋە ئۆز ئىچىدىكى قارشى پىكىرلەرنى باستۇرغان.
ئۈچىنچىسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىغا قارشى نوپۇزسىز تاراتقۇلارنىڭ يازمىلىرىنى كۆپلەپ تارقاتقان. باياناتتا يۇقىرى نۇقتىلار ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق قەيت قىلىنغان.
خىتاينىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەيدانى ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاي بىلەن غەرب دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم