دوكلات: خىتايدا قامالغان ژۇرنالىستلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇيغۇر

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تۈرمىگە قامالغان ژۇرنالىستلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە دۇنيا بويىچە جەمئىي 293 ژۇرنالىستنىڭ تۈرمىگە قامالغانلىقىنى، خىتاي تۇتقۇن قىلغان ژۇرنالىستلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ %44 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈرمىگە قامالغان ژۇرنالىستلار ھەققىدىكى دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە دۇنيا بويىچە جەمئىي 293 ژۇرنالىست تۈرمىگە قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 22 سى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ژۇرنالىست ئىكەن. بۇ سانلىق مەلۇمات بويىچە بولغاندا ئۇيغۇر ژۇرنالىستلار خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان ژۇرنالىستلارنىڭ %44 نى تەشكىل قىلىدىكەن، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە تۇتقۇن قىلىنغان ژۇرنالىستلارنىڭ %7.5 نى ئىگىلەيدىكەن.

دوكلاتتا خىتاينىڭ 2020-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشى بويىچە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 11 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئىچىدە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلار خىتايدىكى 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسنىڭ ئاران %0.83 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، سان جەھەتتە شۇنچە ئاز نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلاردىن تۇتقۇن قىلىنغان ژۇرنالىستلارنىڭ %44 تىن ئىبارەت بۇنچىۋالا كۆپ نىسبەتنى تەشكىل قىلىشىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتايدا تۈرمىگە قامالغان ژۇرنالىستلارنىڭ تىزىملىكىدە 22 ئۇيغۇر بار بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمى 2016-يىلدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان. قالغانلىرى 2009-يىلدىن 2014-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەرخىل تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىنغان. قولغا ئېلىنغان 22 ئۇيغۇر ژۇرنالىستنىڭ توققۇزى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئىقتىساد پىروفېسسورى ئىلھام توختى قۇرغان «ئۇيغۇر بىز» ناملىق تور بېكەتنى ئورتاق قۇرغۇچىلار ئىكەن.

ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھامنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىغا ئاشكارىلىشىچە، دادىسىنىڭ تور بېتىدە ئىشلىگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنىڭ جازا مۇددىتى توشۇپ 2019-يىلى ياكى 2020-يىلغىچە قويۇپ بېرىلىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن.

جەۋھەر ئىلھام مۇخبىرغا يەنە: «نەۋرە تۇغقانلىرىم دادامنىڭ سۈرىتى ۋە ماقالىلىرىنى ساقلىغانلىق باھانىسى بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى» دېگەن.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 769 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2022 23:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق