ما شىڭرۈي ھېيت مەزگىلىدىمۇ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»نى قايتا تەكىتلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 29-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى تېررور سىياسىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كىرىچنى باشتىن-ئاخىر چىڭىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ئىشغالىيەت تارىخىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن باستۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، تۈرلۈك تېررور سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، سانسىزلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقاتتى. بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن تارتىپ خەلقئارانىڭ تۈرلۈك بېسىمى ۋە جازالىرىغا قارىماي، تېخىمۇ قەبىھ ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» نامىدا ئاشكارا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۆتۈپ، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ما شىڭرۈي 29-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان شەرقىي تۈركىستاندا خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش خىزمىتى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ چىڭىتىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن-ئاخىر چىڭىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ ئەكسىگە يېنىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.

ما شىڭرۈي يەنە ئاتالمىش «تىنچ-ئامانلىق ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك» دېگەن بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنى باھانە قىلىپ قاتتىق باستۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ئىبارىلىرىنى قايتا تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق جىنايەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، ھەرخىل رەزىل ۋاسىتىلەر، باھانىلەر ئارقىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئاتالمىش «نۆللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش» باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نورمال تۇرمۇش تەرتىپىنى قالايمىغان قىلىۋاتقانلىقىنى، روزا ھېيت يېقىنلاشقان بىر پەيتتە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنى قايتا تەكىتلىشىنىڭ مەقسەتلىك ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1246 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2022 22:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق