ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان پائالىيەتچى خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيەلىك پائالىيەتچى دىرۇۋ پاۋلو ئالدىنقى ھەپتە شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش قىلىۋاتقاندا، شۇ جايدىكى بىر توپ خىتايلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

كۈندىلىك پوچتا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيەلىك پائالىيەتچى دىرۇۋ پاۋلو بىر نەچچە كۈن بۇرۇن سىدنېي شەھىرىدىكى ۋەستۋۇد مەيدانىغا بېرىپ، شى جىنپىڭنى ھاقارەتلىگەن سۆز يېزىلغان تاختاينى كۆتۈرۈپ، يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلغان. ئەمما شۇ جايدىكى رادىكال مىللەتچى خىتايلار ئۇنىڭغا توختىماي ۋارقىراپ قاتتىق ھاقارەتلىگەن. ھەتتا بىر نەچچە خىتاي ئۇنى ئۇرۇشقا ئ‍ۇرۇنغان. ئارىلىقتا ساقچىلار كېلىپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغان.

دىرۇۋ پاۋلو مەزكۇر ۋەقەنى سىنغا ئېلىپ، تىۋىتتېر ھېسابىدا تارقاتقاندىن كېيىن، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مىليون قېتىم كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ تىۋىتتېردا ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ شى جىنپىڭنى ھاقارەتلىگەن تاختاينى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئەمما زادى قايسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئېيتمىغان.

ئۇ تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا يەنە دۇنيانىڭ شى جىنپىڭ ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە ئاۋاز چىقىرىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما تاراتقۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى، ئۆزى يۇقىرىقىدەك بەدەللەرنى تۆلەپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالىغان بولسا، بۇنىڭغا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ تۇنجى قېتىم پائالىيەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلىشى ئەمەس بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ ئەركىن مۇھىتتا ياشاۋېتىپمۇ، خىتاي تېررور رېجىمىنىڭ تەرىپىنى ئېلىشى، قاتتىق سادىقلىقىنى بىلدۈرۈشى ئىزچىل مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1055 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2022 23:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق