خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ قايتىدىن پارتلىشى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ داۋالغۇشى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي يۈزلىنىشى بارغانسېرى ناچارلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇنىڭغا ماس ھالدا پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىش دەرىجىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 3-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بارغانسېرى ناچارلىشىشقا باشلىغان بىر ۋەزىيەتتە، خىتايدىكى داڭلىق بىر بازار ئانالىزچىسىنىڭ ئۈندىدار ۋە ۋېيبو (مىكرو بىلوگ) ھېسابى ئالدىنقى ھەپتە بىراقلا تاقىۋېتىلگەن. خىتاي قاتناش بانكىسى خەلقئارا پاي چېكى باش دېرىكتورى، خىتايدا زور تەسىر كۈچكە ئىگە بازار ئانالىزچىسى خۇڭ خاۋنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نەچچە مىليون ئەگەشكۈچىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ مەزكۇر ئىككى سۇپىدىن بىراقلا چەكلىنىشى خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ تۇيۇقسىز تور دۇنياسىدا چەكلىنىشى بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ئېلان قىلغان «كاپىتالنىڭ سىرتقا ئېقىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش» ناملىق ماقالىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. مەزكۇر ماقالىدە خىتاي ئىچىدىكى چەت ئەل كاپىتالىنىڭ كەڭ كۆلەمدە سىرتقا ئېقىپ كېتىشى مۇمكىنلىكى، شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىنىڭ پاي چېكى كۆرسەتكۈچىنىڭ 3000 نۇقتىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ پەرەز دەرۋەقە توغرا چىقىپ، 27-ئاپرېل شاڭخەي ئاكسىيە بازىرىنىڭ پاي چېكى كۆرسەتكۈچى 2863 نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.
مەزكۇر بازار ئانالىزچىسىنىڭ تور دۇنياسىدىن چەكلىنىشى خىتاي رېجىمىنىڭ پۇقرالارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىغا ۋە تەنقىدىي پىكىرلەرگە بولغان قاتتىق ئەندىشىسىنى نامايان قىلغان. گەرچە خىتاي ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەر، جۈملىدىن بىر قىسىم مۇھىم شەھەرلەرنى ئومۇميۈزلۈك قامال قىلىش خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەرگەن بولسىمۇ، خىتاي رېجىمى «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى قەتئىي ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان. بۇ سەۋەبلىك خىتايلارنىڭ تور دۇنياسىدىكى نارازىلىق كەيپىياتى بارغانسېرى كۈچىيىشكە باشلىغان.
خىتايدىكى ھەرقايسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى يېقىندا يەنە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېساب نومۇرى بىلەن IP ئادرېسىنى باغلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە قارشى پىكىر قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ ئاسان بايقىيالايدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم