شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلار داۋاملىق بايقالماقتا

خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى خىتاينىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى ھېسابلىنىدىغان شاڭخەي ۋە بېيجىڭدا داۋاملىق يامراشقا باشلىغان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ يۇقۇملانغۇچىلار داۋاملىق بايقالماقتا.

خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سەھىيە ئورگانلىرى خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، 1-ماي 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن ئىككى كىشىگە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، 37 كىشىگە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇندىن ئىلگىرى يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار ئىكەن.

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار جەمئىي سەككىز، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بىمار 141 بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاندىمۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ داۋاملىق بايقىلىشى تۈرلۈك گۇمانلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.

 

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 1260 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2022 23:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق