مەكتەپلەر خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تېررورچى دەپ ئۆگەتمەكتە

مەكتەپلەر خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تېررورچى دەپ ئۆگەتمەكتە

زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان.
زىيارەتنى قوبۇل قىلغان شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خىتاي ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىكى قاتتىق سوغۇقتا ئۇ سەككىز ياشلىق بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر تال نېپىز چاپانلا كىيىپ، تىترەپ تۇرۇۋاتقىنىنى كۆرگەن.
ئىچى ئاغرىغان ئوقۇتقۇچى بالىنىڭ چاپىنىنى ئېچىپ قارىغاندا، ئۇنىڭ ئىچىگە تۆت قات كالتە يەڭ يازلىق مايكا كىيىۋالغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى 2017-يىلى 3-ئايدا جازا لاگېرىغا تاشلانغاندىن كېيىن خەۋىرى بولمىغان بولۇپ، ئۇ ۋە باشقا ئۈچ قېرىندىشىغا 70 ياشتىن ئاشقان كېسەلچان مومىسى قاراۋاتقان ئىكەن.
ئۇلارنىڭ باشقا كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا، بالىلار كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەكتە ناھايىتى قىينالغان. ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر ياردەم كەلمىگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، كىشىلەر ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، جازا لاگېرىغا قامالغانلارنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قىلىشقا پېتىنالمىغان.
خەۋەردە يەنە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىشكە بۇيرۇلغان. مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەكتەپنىڭ ھەربىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا بىردىن خىتاي ئوقۇغۇچىنى مەسئۇل قىلىپ قويغانلىقىنى، نامدا «ئۆزئارا ئۆگىنىش، بىرلىكتە ئىلگىرىلەش» دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاتا-ئانىسى لاگېرغا قامالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى سورىغاندا، بىر خىتاي ئوقۇغۇچى: «ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ كاللىسىدىمۇ بومبا بىلەن باشقىلارنى پارتلىتىش دېگەنگە ئوخشاش ئەسەبىي ئىدىيە بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەكتەپتىكى تەربىيە، تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرىدىن خىتايلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ گۇناھسىز ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى يوشۇرۇن تېررورچى دەپ تونۇشقا باشلىغان.

بۇ خەۋەر 1567 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2019 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق