مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنلىرى بولغان رامىزان ئېيىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى يەنە بىر قېتىملىق روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى.

بۇ يىللىق روزا ھېيت 2-مايغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ ئ‍ولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى مەسچىتلەردە ياكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە بىرگە ھېيت نامىزى ئوقۇدى. جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ سەفاكۆي، زەيتىنبۇرنۇ، سەلىمپاشا رايونلىرىدا، شۇنداقلا كونيا ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى مەركىزىي مەسچىتلەردە بىرگە ھېيت نامىزى ئوقۇشتى ۋە نامازدىن كېيىن كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھېيتىنى تەبرىكلەشتى.

ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇغان بولۇپ، نامازدىن كېيىن ھېيتلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. تۆت سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان پائالىيەت جەريانىدا ھېيتقا ئاتاپ سۆزلەنگەن تەبلىغ، لېكسىيەلەر ۋە تۈرلۈك نومۇرلاردىن كېيىن، يىغىلىشقا داخىل بولغان 200 گە يېقىن ئۆسمۈرگە ھېيتلىق سوۋغاتلار تارقىتىپ بېرىلگەن.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، جەمئىيەت مەركىزىگە جەم بولۇپ، بىرگە ھېيت نامىزى ئوقۇغان. ئامېرىكىدا يېڭىدىن ئېچىلغان ئۇيغۇر مەسچىتىدىمۇ بۈگۈن روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلغان بولۇپ، ۋېرگىنىيە، مەرىلەند، ۋاشىنگتون قاتارلىق جايلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامازغا قاتناشقان. ئۇندىن باشقا كانادادىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر مەسچىتىگە يىغىلىپ، بىرگە ھېيت نامىزى ئوقۇغان. مەزكۇر مەسچىت بۇلتۇر سېنتەبىردە رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، «ئۇيغۇر ئىسلام ۋە مەدەنىيەت مەركىزى» دەپ نام بېرىلگەنىدى.

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزئارا ھېيتلىق سالام يوللاشتى ۋە ۋەتەنگە بولغان سېغىنىشىنى، ئائىلىسى بىلەن قايتىدىن جەم بولۇپ، ھېيت كۈنلىرىنى بىرگە ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلەشتى.

دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ يىللىق روزا ھېيتنى 2-ماي كۈنى تەبرىكلەۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي رېجىمى روزا ھېيتنى قەستەن 3-مايغا بېكىتكەن. بۇ خىتاي رېجىمى يىللاردىن بېرى ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن تاكتىكا بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بولغان ئورتاقلىقىنى سۇسلاشتۇرۇش، مەنىۋى باغلىنىشىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇشتىكى رەزىل ۋاسىتىسى دەپ قاراپ كەلمەكتە. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ تەشۋىقات كوزىرى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان ئاتالمىش «ئىسلام دىنى جەمئىيىتى»نىڭ ئورگان تور بېتىگىمۇ ھازىرغا قەدەر رامىزان ئېيى ۋە روزا ھېيتقا ئالاقىدار ھېچقانداق مەزمۇن يوللانمىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ھەتتا ساختا تەشۋىقاتلىرىدىمۇ ئىسلام ھەققىدىكى ھەرقانداق ئۇچۇرنى تارقىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

 

 تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 958 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2022 22:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق